بىرىنچى بۆلۈم: چىگرادىن كىرىش
Автор: Uyghur Transitional Justice Database UTJD
Загружено: 2025-01-24
Просмотров: 3438
«شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنىڭ بوشىتىلىشىدىكى مەقسەتلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم
بىرىنچى بۆلۈم: چىگرادىن كىرىش
فىلىم ھەر جۈمە كۈنى مەركىزى ياۋروپا ۋاقتى 19:00 دا بىر قىسىم قويۇلىدۇ.
تارقىتىلىش ئادرىسى:
ئۇيغۇرچە • بىرىنچى بۆلۈم: چىگرادىن كىرىش
ئېنگىلىزچە • The Reasons for the Relaxation of Entry in...
شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا. 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئائىلىلەرنى پارچىلىۋەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر يىللاردىن بېرى ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىدى. 2023-يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەتەنگە قايتىش يولىنى ئاچتى. بىراق بۇ «ئېچىۋېتىش»نىڭ ئارقىسىغا قورقۇنچلۇق ھەقىقەت يوشۇرۇنغان. بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار زىيارەتچىلەرنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، سۈرەتكە تارتىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. ئۈرۈمچىدە مەھەللە كادىرلىرى كەلگەنلەرنى گۈللەر بىلەن قارشى ئېلىپ، فىلىمگە تارتىدۇ ۋە ئۇنى تارقىتىدۇ. كەلگەنلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بىللە قونىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئۇچرىشىشنى سەھنىلەشتۈرۈپ، زىيارەتچىلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشنىڭ قورالى قىلماقتا. زىيارەتچىلەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن«شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە ئىش نورمال»دېگەن يالغان تەشۋىقاتنىڭ جاكارچىسى بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "يېڭى ئېچىۋېتىش سىياسىتى"نىڭ ئارقىسىدىكى قورقۇنچلۇق ھەقىقەتنى، زىيارەتچىلەرنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رېئاللىقنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ھىيلە-مىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ. «شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنىڭ بوشىتىلىشىدىكى مەقسەتلەر» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ئۈچۈن سەككىز دۆلەتتىكى 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا چەتئەللىك گۇۋاھچى ۋە مۇتەخەسىسلەر بىر يىل ئىز قوغلاپ سۈرەتكە ئېلىنغان. گۇۋاھچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋاز قورالىدا تەقلىدىي ئاۋاز بېرىلگەن ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوبراز ئالماشتۇرۇپ كىرىشتۈرۈلگەن.
مەزكۇر فىلىم ئايرىم تېمىلاردا قىسىملارغا ئايرىلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان قىسىملار شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2013- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ھەقىقى ئەھۋالىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ ۋە كۆرگۈچىلەرگە ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ سىز كۆرۈۋاتقان تەشۋىقاتقا ئوخشىمايدىغان ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
ئەگەر ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن بولسىڭىز، ياكى بۇ توغرۇلۇق يېڭى ئۇچۇرلارنى بىلسىڭىز، پۈتۈنلەي مەخپى گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. بىز سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ۋە ئوبرازىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ بارلىق ئۇچۇرىڭىزنى قەتئىي مەخپى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
بۇ فىلىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشكە ئىقتىسادى ياردەم بېرىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.https://www.paypal.com/ncp/payment/ET...
فىلىم ھەر جۈمە كۈنى مەركىزى ياۋروپا ۋاقتى 19:00 دا بىر قىسىم قويۇلىدۇ.
تارقىتىلىش ئادرىسى:
ئۇيغۇرچە • بىرىنچى بۆلۈم: چىگرادىن كىرىش
ئېنگىلىزچە • The Reasons for the Relaxation of Entry in...
ئالاقىلاشقۇچى:
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى
بەختىيار ئۆمەر[email protected]
Доступные форматы для скачивания:
Скачать видео mp4
-
Информация по загрузке: