يەتتىنچى بۆلۈم ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتتە شى جىن پىڭ خۇتبىسى
Автор: Uyghur Transitional Justice Database UTJD
Загружено: 2025-03-14
Просмотров: 1560
«شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ ئارقىسىدىكى مەقسەتلەر»ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم
يەتتىنچى بۆلۈم: ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتتە شى جىنپىڭ خۇتبىسى
• يەتتىنچى بۆلۈم ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتتە شى ج...
شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە سېستىمىلىق يۈرگۈزۈلىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىك يوقىتىش ھەرىكىتى
شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئاددىيلا دىننى سىياسىيلاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى سېستىمىلىق يۈرگۈزۈلىۋاتقان، چوڭقۇر مەدەنىي-دىنىي يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
1. ئەنئەنىۋى ئىسلامىي قائىدە-يوسۇنلارنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئۆزگەرتىلىشى
• دىنىي سالاملىشىش: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»غا «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام» بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئەنئەنىسىنىڭ چەكلىنىشى ۋە ئورنىغا ھەتتا قەدىمى خىتايچە سالاملارنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاش.
• ئىبادەت شەكىللىرى: ناماز، روزا تۇتۇش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ چەكلىنىشى ياكى قاتتىق نازارەت ئاستىدا تەشۋىقات ئۈچۈن دىنىي پائالىيەتنى سەھنىلەشتۈرۈش.
• دىنىي مۇراسىملار: ھېيت-بايرام، تۇغۇت، توي، جىنازا قاتارلىق دىنىي مۇراسىملارنىڭ قايتا ئەندىزىلىنىشى.
2. دۆلەت كونتروللۇقىدىكى دىنىي تەشۋىقات
• خىتايلاشتۇرۇلغان خۇتبىلەر: ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىماملارنىڭ دۆلەت ئىدېئولوگىيەسىنى تەشۋىق قىلىشى.
• دىنىي ۋە سىياسىي بۇرمىلاش: دىنىي تەلىماتلارنى خىتاي ھۆكۈمەت سىياسىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تەپسىرلەش، ھەتتا شى جىنپىڭنى پەيغەمبەر ئورنىغا كۆتۈرۈش.
• مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى: دىنىي ئەنئەنىلەرنى خىتاي مەدەنىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش ۋە ئارىلاشتۇرۇش.
3. تىل ۋە مەدەنىي كىملىكنى يوقىتىش
• تىل چەكلىمىسى: كىشىلەرنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىشىنى چەكلەش، جامائەت سورۇنلىرىدا ۋە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش.
• ئىسىم ئۆزگەرتىش: ئىسلامىي ئىسىملارنى چەكلەش ياكى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش.
• ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت چەكلىمىسى: ئۆي-ئىچىدىكى دىنىي ۋە مەدەنىي بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش، ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، مۇزىكا ۋە سەنئەتلەرنى چەكلەش.
4. ئائىلە ۋە ئەۋلادلىق مۇناسىۋەتلەرگە ئارىلىشىش
• ئائىلە ئىچىدىكى دىنىي تەربىيە چەكلىمىسى: ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا دىنىي تەلىم بېرىشىنى چەكلەش.
• ئەۋلادلارنى ئايرىۋېتىش: بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيىتىگە زىت تەربىيەلەش. بۇ ئارقىلىق ياشلارنى ئۆز جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىگە يات قىلىپ يېتىشتۈرۈش.
• يېڭى ئەۋلادلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش: ياشلارنى ئەنئەنىۋى، دىنىي، تارىخى ۋە مەدەنىي بىلىمدىن يىراقلاشتۇرۇش، يېڭى ئىدېئولوگىيەلىك تەربىيە بېرىش.
5. سىستېمىلىق نازارەت ۋە جازا
• قاتتىق نازارەت سىستېمىسى: دىنىي پائالىيەتلەرنى. ۋە دىنىي پوزىتسىيەسىنى نازارەت قىلىش.
• جازا ۋە قورقۇتۇش: دىنىي پوزىتسىيەسىنى ئاشكارىلىغانلارنى جازالاش، تۇتقۇن قىلىش ياكى«قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا ئەۋەتىش.
• كوللېكتىپ جازا: ئائىلە ئەزالىرى ۋە جامائەتلەرگە كوللېكتىپ بېسىم ئىشلىتىش، بىر ئادەمدىن گۇمانلانسا پۈتۈن جەمەتى بويىچە قولغا ئېلىش، مەھەللىلەردە ئون ئائىلىنى بىرگە چېتىپ جازالاش.
خۇلاسە
بۇ ئەھۋال پەقەت«دىننى سىياسىيلاشتۇرۇش»لا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن خەلقنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىي، كىملىك تۇيغۇسىنى سىستېمىلىق يوقىتىش ھەرىكىتىدۇر. بۇ ھەرىكەت، كىشىلەرنىڭ ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى، تىلىنى، ئەنئەنىسىنى ۋە مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەيدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كىملىكىنى تۈپتىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
Доступные форматы для скачивания:
Скачать видео mp4
-
Информация по загрузке: