Популярное

Музыка Кино и Анимация Автомобили Животные Спорт Путешествия Игры Юмор

Интересные видео

2025 Сериалы Трейлеры Новости Как сделать Видеоуроки Diy своими руками

Топ запросов

смотреть а4 schoolboy runaway турецкий сериал смотреть мультфильмы эдисон
dTub
Скачать

تۆتىنچى بۆلۈم: « ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ كەتتى...»

Автор: Uyghur Transitional Justice Database UTJD

Загружено: 2025-02-14

Просмотров: 1679

Описание:

«شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ ئارقىسىدىكى مەقسەتلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم

تۆتىنچى بۆلۈم«ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ كەتتى…»


مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم، ئايرىم شەخسلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ئاڭلاش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى. سۈكۈت قىلىشنى خالىمايدىغانلار ھەقىقەتنى بىللە ئاڭلايلى ۋە كۆرەيلى.

بۇ ھۆججەتلىك فىلىم دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش جەريانىدىكى ھەقىقىي كەچۈرمىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. فىلىم ئارقىلىق بىز "خاتىرجەم قايتىپ كېلىڭ" دېگەن تەكلىپنىڭ ئارقىسىدىكى مۇرەككەپ رېئاللىقنى كۆرەلەيمىز. فىلىمدە يوشۇرۇن كامېرا ۋە تېلېفونلار ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن سۆھبەتلەر، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بېسىم قورالىغا ئايلاندۇرۇلۇشى، ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۇسۇللىرى ئاشكارىلىنىدۇ.

فىلىمدىكى گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مەجبۇرىي تەشۋىقات قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ۋە سۆزلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى، ھەتتا تىل ۋە سۆز-ئىبارىلىرىنىڭمۇ كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق زۇلۇملىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز تەشۋىقاتىنىڭ قورالى قىلىۋالماقتا. ئۇلارنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ، "ياخشى ئۆزگىرىشلەر" ھەققىدە سۆزلەشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق جىنايىتىنى يۇيماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئۇچرىشىشنى سەھنىلەشتۈرۈپ، زىيارەتچىلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشنىڭ قورالى قىلماقتا. زىيارەتچىلەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن«شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە ئىش نورمال»دېگەن يالغان تەشۋىقاتنىڭ جاكارچىسى بولۇشقا مەجبۇرلانماقتا. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "يېڭى ئېچىۋېتىش سىياسىتى"نىڭ ئارقىسىدىكى قورقۇنچلۇق ھەقىقەتنى، زىيارەتچىلەرنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رېئاللىقنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ھىيلە-مىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ.

«شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنىڭ بوشىتىلىشىدىكى مەقسەتلەر» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى ھۆججەتلىك فىلىم ئۈچۈن سەككىز دۆلەتتىكى 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا چەتئەللىك گۇۋاھچى ۋە مۇتەخەسىسلەر بىر يىل ئىز قوغلاپ سۈرەتكە ئېلىنغان. گۇۋاھچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋاز قورالىدا تەقلىدىي ئاۋاز بېرىلگەن ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوبراز ئالماشتۇرۇپ كىرىشتۈرۈلگەن.
مەزكۇر فىلىم ئايرىم تېمىلاردا قىسىملارغا ئايرىلغان بولۇپ، ئوخشىمىغان قىسىملار شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2013- يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ھەقىقى ئەھۋالىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ ۋە كۆرگۈچىلەرگە ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ سىز كۆرۈۋاتقان تەشۋىقاتقا ئوخشىمايدىغان ھەقىقىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

ئەگەر ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەن بولسىڭىز، ياكى بۇ توغرۇلۇق يېڭى ئۇچۇرلارنى بىلسىڭىز، پۈتۈنلەي مەخپى گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. بىز سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ۋە ئوبرازىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ بارلىق ئۇچۇرىڭىزنى قەتئىي مەخپى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

بۇ فىلىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشكە ئىقتىسادى ياردەم بېرىشنى خالىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
.https://www.paypal.com/ncp/payment/ET...

فىلىم ھەر جۈمە كۈنى مەركىزى ياۋروپا ۋاقتى 19:00 دا بىر قىسىم قويۇلىدۇ.

ئالاقىلاشقۇچى:
ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى
بەختىيار ئۆمەر
[email protected]

تۆتىنچى بۆلۈم:  « ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ كەتتى...»

Поделиться в:

Доступные форматы для скачивания:

Скачать видео mp4

  • Информация по загрузке:

Скачать аудио mp3

Похожие видео

جەسۇر ھەبىبۇللانىڭ خىتاي تەرپىدىن دۇبەيگە ئالداپ ئاپىرىلىپ جاسوسلۇققا مەجبۇرلىنىش جەريانى گۇۋاھلىقى

جەسۇر ھەبىبۇللانىڭ خىتاي تەرپىدىن دۇبەيگە ئالداپ ئاپىرىلىپ جاسوسلۇققا مەجبۇرلىنىش جەريانى گۇۋاھلىقى

سەككىزىنچى بۆلۈم(خۇلاسە):  خىتاينى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

سەككىزىنچى بۆلۈم(خۇلاسە): خىتاينى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

🔴Стратегия США: что там про РФ? Танкер

🔴Стратегия США: что там про РФ? Танкер "теневого флота" на мели. Визит Мерца в Израиль. DW Новости

«شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنىڭ ۋاقىتلىق بوشىتىلىشىدىكى مەقسەتلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىن ئارىيە

«شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشنىڭ ۋاقىتلىق بوشىتىلىشىدىكى مەقسەتلەر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىن ئارىيە

ئىككىنچى بۆلۈم: تەشۋىقات ۋە ساقچىدىكى ئارخىپ

ئىككىنچى بۆلۈم: تەشۋىقات ۋە ساقچىدىكى ئارخىپ

بىرىنچى بۆلۈم:  چىگرادىن كىرىش

بىرىنچى بۆلۈم: چىگرادىن كىرىش

خبر بیست و سی - شنبه 15 آذر 1404

خبر بیست و سی - شنبه 15 آذر 1404

The Reasons for the Relaxation of Entry into East Turkistan Documentary. Part 1: Crossing the Border

The Reasons for the Relaxation of Entry into East Turkistan Documentary. Part 1: Crossing the Border

ئالتىنچى بۆلۈم: ياسالغان ساختا سەھنە

ئالتىنچى بۆلۈم: ياسالغان ساختا سەھنە

Zatajone tożsamości. Fałszywe nazwiska, które zmieniły Polskę

Zatajone tożsamości. Fałszywe nazwiska, które zmieniły Polskę

SERIQ ASH |سېرىق ئاش تەييارلاش|UYGUR  ACILI MAKARNA SALATASI| UYGHUR TAAMLIRI | UYGHUR FOOD RECIPES

SERIQ ASH |سېرىق ئاش تەييارلاش|UYGUR ACILI MAKARNA SALATASI| UYGHUR TAAMLIRI | UYGHUR FOOD RECIPES

Białoruś POWOLI UPADA - Tak źle tam nie było

Białoruś POWOLI UPADA - Tak źle tam nie było

Express Republiki 06.12.2025 | TV Republika

Express Republiki 06.12.2025 | TV Republika

ئۈچىنچى بۆلۈم: ئۈچ دوست ئارىسىدىكى پاراڭ

ئۈچىنچى بۆلۈم: ئۈچ دوست ئارىسىدىكى پاراڭ

يەتتىنچى بۆلۈم ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتتە شى جىن پىڭ خۇتبىسى

يەتتىنچى بۆلۈم ئۈرۈمچى نوغاي مەسچىتتە شى جىن پىڭ خۇتبىسى

بالا نەسىردىن HD - 1080  | ئەڭ خۇشال بىركۇن 62 - قىسىم   |  Bala nasirdin 62 - Qisim

بالا نەسىردىن HD - 1080 | ئەڭ خۇشال بىركۇن 62 - قىسىم | Bala nasirdin 62 - Qisim

⚡️ ГЕНЕРАЛ БУДАНОВ перевернул ХОД переговоров! Украина ЗАГНАЛА США и РФ в УГОЛ? Итоги 06.12.2025

⚡️ ГЕНЕРАЛ БУДАНОВ перевернул ХОД переговоров! Украина ЗАГНАЛА США и РФ в УГОЛ? Итоги 06.12.2025

🔴 Разрушения, пожары, пострадавшие: какие объекты поразила РФ 6 декабря

🔴 Разрушения, пожары, пострадавшие: какие объекты поразила РФ 6 декабря

بەشىنچى بۆلۈم خىتاي مەقسەتلىرىگە يەتتىمۇ؟

بەشىنچى بۆلۈم خىتاي مەقسەتلىرىگە يەتتىمۇ؟

Раскрыта новая тайна шумеров! Энмеркар и Аратта. Армен Давтян

Раскрыта новая тайна шумеров! Энмеркар и Аратта. Армен Давтян

© 2025 dtub. Все права защищены.



  • Контакты
  • О нас
  • Политика конфиденциальности



Контакты для правообладателей: [email protected]